ئامېرىكا مادۇرونى تۇتۇشقا ياردەملەشكۈچىلەر مۇكاپىتىنى 25 مىليون دوللارغا چىقاردى
ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون كىربى ۋېنېزۇئېلاغا قويۇلغان يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى.
2229391
ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون كىربى ۋېنېزۇئېلاغا قويۇلغان يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلى مادۇرونى تۇتۇش ياكى ئۇنى قولغا چۈشۈرۈشكە پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە بېرىلىدىغانلىقى جاكارلانغان 15 مىليون دوللارلىق مۇكاپاتنىڭ 25 مىليون دوللارغا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مادۇرونىڭ يېقىنقى سايلاملاردا دېموكراتىك نورمىلارنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىربى، مۇداپىئە مىنىستىرى ۋلادىمىر پېدرىنونىڭ تۇتۇلۇشى ئۈچۈن 15 مىليون دوللار مۇكاپات بېكىتكەنلىكىنى ۋە مادۇرونىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى 7 كىشىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2024-يىلى 28-ئىيۇلدىكى سايلامدا 52 پىرسەنت بېلەتكە ئېرىشىپ ئۈچىنچى قېتىم غەلىبە قىلغان مادۇرو تۈنۈگۈن قەسەم بېرىپ، يېڭى باسقۇچلۇق ۋەزىپىسىنى باشلىغانىدى. ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى ئېدمۇندو گونزالېز ۋە ئۆكتىچى رەھبەر مارىيا كورىنا ماچادو سايلام نەتىجىسىنى رەت قىلغان بولۇپ، گونزالېز تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن ئىسپانىيەگە كەتكەنىدى. گونزالېز يېقىندا ئاق سارايدا «ۋېنېزۇئېلانىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى» سۈپىتىدە بايدىن تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەمەندىكى پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
يەمەننىڭ بەيدا شەھىرىدە بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.