سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى كاجىر: پولات گۈمبەز قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرىمىز

سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىر تۈركىيەنىڭ پولات گۈمبەز قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2229399
سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى كاجىر: پولات گۈمبەز قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرىمىز

مىنىستىر كاجىر ساكاريادىكى سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى دەسلەپكى خىزمەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بايراقتار، ئانكا، ئاقىنجى، ئاقسۇنگۇر، ھۈركۇش، ھۈرجەت، ئاتاك، گۆكبەي، كائان ۋە قىزىل ئالما قاتارلىق تىك ئۇچارلار ئارقىلىق تۈرك مىللىتىنىڭ ئىمزاسىنى ئاسمانغا يازغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كاجىر تېخى قىلىدىغان كۆپ ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى، مۇداپىئە سانائىتىدىلا ئەمەس، سانائەت ۋە تېخنىكىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە تولۇق مۇستەقىل تۈركىيەنى بەرپا قىلىدىغانلىقلىرىنى، ھېچكىمگە يېلىنمايدىغان، ھېچكىمنىڭ ئىلتىپاتىغا مەجبۇر بولمايدىغان تۈركىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاداققىچە تىرىشىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، بۇ دائىرىدە راكېتالارنىڭ مۇساپىسىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى، ۋەتەننىڭ ۋە بارلىق مەزلۇم-بىچارىلەرنىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن تېخنىكىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «پولات گۈمبەز قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، ھېچكىم تۈرك مىللىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى خىيالىغا كەلتۈرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر