گىرېنلاندىيە باش مىنىستىرى ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

گىرېنلاندىيە باش مىنىستىرى مۇتې بورۇپ ئېگېدې، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدىكى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە «تەييار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2229392
گىرېنلاندىيە باش مىنىستىرى ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئېگېدې دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكالىقلار تەرىپىدىن «ئۆز دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى» دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «گىرېنلاندىيە گرېنلاندىيە خەلقىنىڭ. بىز دانىيەلىك ياكى ئامېرىكالىق بولۇشنى ئەمەس، گىرېنلاندىيەلىك بولۇشنى خالايمىز» دېدى.

ھازىرغىچە ترامپ بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئېگېدې، ئۇنىڭ بىلەن «بىرلەشتۈرگۈچى ئامىللار» ھەققىدە سۆزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكادا ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ترامپ، 2024-يىلى 23-دېكابىردا «تراست سوشىيال»دىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، گىرېنلاندىيەنىڭ ئامېرىكا كونتروللۇقىدا بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى سۆزىنى تەكرارلاپ، ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە كونتروللۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ «مۇتلەق زۆرۈرىيەت» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

باش مىنىستىر ئېگېدې يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «گىرېنلاندىيە گىرېنلاندىيە خەلقىگە تەۋە. بىز سېتىلىدىغان نەرسە ئەمەس ۋە ھېچقاچان سېتىلىدىغان بولمايمىز. ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ئەركىنلىك كۈرىشىمىزنى يوقاتمايمىز» دېگەنىدى.

ترامپ 8-يانۋاردا پاناما قانىلى بىلەن گىرېنلاندىيەنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە كاپالەت بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «ياق، بۇ ئىككىسى ھەققىدە (ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە) سىلەرگە كاپالەت بېرەلمەيمەن. بەلكىم بىر نەرسىلەرنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن بۇلارغا ئېھتىياجىمىز بار» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر