ياۋروپا ئىتتىپاقى: ترامپ بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكانىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2229022
ياۋروپا ئىتتىپاقى: ترامپ بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى 20-يانۋار كۈنى ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئامېرىكانىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئوخشاش بايانات ئېلان قىلدى.

لېيېن بىلەن كوستا باياناتىدا، 20-يانۋار كۈنى ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدىغان دونالد ترامپقا خىتابەن مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن بىرى، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئاساسىي دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىمىزنى قوغداش، كۈچەيتىش، ئىقتىسادىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش، دۇنياۋى ھەمكارلىق تورىمىزنى كېڭەيتىش ھەم بىخەتەرلىكىمىزگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش مۇھىمدۇر.

ئورتاق قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز ئاساسىدا، كەلگۈسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. مۈشكۈل دۇنيادا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلسا تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ.»

ئامېرىكادا ترامپنىڭ 2017 – يىلدىن 2021 – يىلغىچە بولغان تۇنجى ھاكىمىيەت باسقۇچىدا ۋاشىنگتون ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جىددىي سۈركىلىشلەرگە سەھنە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر