ئۆتكەن يىلى تەبىئىي ئاپەتلەردە 11 مىڭ كىشى قازا قىلدى
2024-يىلى دۇنيا مىقياسىدىكى كەلكۈن، يەر تەۋرەش، بوران - چاپقۇن ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر 11 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
گېرمانىيەنىڭ قايتا كاپالەت شىركىتى مىيۇنخېن رې 2024 - يىللىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى دۇنيا مىقياسىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەر 140 مىلىيارد دوللىرى كاپالەتكە ئېلىنغان 320 مىلىيارد دوللارلىق دۇنياۋى ئىقتىسادىي زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن 11 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، «ھېلېن» ناملىق بوران - چاپقۇن ئەڭ كۆپ زىيان كەلتۈرگەن تەبىئىي ئاپەت بولغان.
ئۆتكەن يىلقى زىياننىڭ 93 پىرسەنتىنى ھاۋارايى ئاپەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئامېرىكاغا 9- ۋە 10-ئايلاردا ئارقىمۇئارقا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن «ھېلېن» ۋە «مىلتون» ناملىق بوران - چاپقۇن ئاپەتلىرى ئالدىنقى يىلنىڭ ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ ئاپەتلىرى بولغان.
«ھېلېن» ناملىق بوران – چاپقۇن ئاپىتىدە 16 مىلىيارد دوللىرى كاپالەتچىلەر تەرىپىدىن تۆلەنگەن 56 مىلىيارد دوللارلىق زىيان كېلىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئاپەت 2024-يىلقى ئەڭ چوڭ زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئىي ئاپەت بولغان.