نىگېرىيە بىلەن خىتاي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

نىگېرىيە بىلەن خىتاي يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات قاتارلىق 5 ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

2229243
نىگېرىيە بىلەن خىتاي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تۆت دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا زىيارىتى دائىرىسىدە نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجاغا كېلىپ، نىگېرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۈسۈپ تۇگگار بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ بىلەن تۇگگار يادرو ئېنېرگىيەسى، بىر يول، بىر بەلباغ قۇرۇلۇشى، يەرشارىۋى تەرەققىيات، ئاخبارات ئالماشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى.

ۋاڭ خىتاينىڭ يەرشارىۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئورتاق كېلەچەككە ئىگە خىتاي-ئافرىقا جەمئىيىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2024-يىلى سېنتەبىردە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئافرىقا يىغىنىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنى ئەسكەرتكەن ۋاڭ: «ئافرىقاغا ھەربىي ياردەم سۈپىتىدە 1 مىليارد يۈەن (135 مىليون دوللار) ئاجرىتىمىز ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۈچۈن 6 مىڭ ھەربىي ۋە 1000 ساقچى-مۇھاپىزەتچى تەربىيەلەپ بېرىمىز» دېدى.

ۋاڭ خىتاينىڭ ئافرىقادا جىددىي مۇداخىلە قىلىش قىسىملىرىنى قۇرۇشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر