كرېمىل: پۇتىن ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
2229217
پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ پۇتىن-ترامپ كۆرۈشۈشى ئۈچۈن ھېچقانداق شەرت قويۇلماستىن، دىيالوگ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە 20-يانۋاردا ترامپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغاندىن كېيىن كۆرۈشۈش تەپسىلاتلىرىنىڭ بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پېسكوۋ يەنە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا يېڭى بىخەتەرلىك ياردىمى قىلىش قارارىنى تەنقىدلەپ، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىرانسىيە مەھكىمىسى بەششار ئەسەد ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
فىرانسىيە سۈرىيەنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەئىسى بەششار ئەسەد ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.