بلىنكېن بىر قىسىم ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرى ۋە دىپلوماتلار بىلەن ئېقىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىر قىسىم مەنسەپداشلىرى ۋە دىپلوماتلار بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، لىۋاندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ۋە غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

2229103
بلىنكېن بىر قىسىم ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرى ۋە دىپلوماتلار بىلەن ئېقىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېننىڭ «تىرانسئاتلانتىك بەشلىكى (Quint)» دېگەن ناملار بىلەن تونۇلغان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە دىپلوماتلىرى بىلەن ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا كۆرۈشكەنلىكىنى؛ يىغىنغا ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىئو تايانى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد لاممى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس ھەمدە گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە دىپلوماتلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بلىنكېن يىغىندا سۈرىيەدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچ ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ھەمدە لىۋان ۋە غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ھەمكارلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

بەئس تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىنكى سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۆتكۈنچى باسقۇچ ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىندا، سۈرىيەنىڭ «قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىكى ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەر»نىڭ تاشلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

يىغىندا يەنە سۈرىيەدە پۇقرالار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

لىۋاندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىپ، توقۇنۇشسىز مۇھىتنىڭ بەرپا قىلىنىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، غەززەدىمۇ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىپ، بارلىق ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئىنسانىي ياردەمنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

«Quint» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان تىرانسئاتلانتىك ھەمكارلىق مېخانىزمى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق بەش چوڭ غەرب دۆلىتىدىن تەركىب تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر