ئامېرىكادىكى ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا

ئامېرىكانىڭ لوس-ئانجېلىس شەھىرىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە 5 كىشى قازا قىلدى.

2228606
ئامېرىكادىكى ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا

شەھەردىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش قېيىن بولۇۋاتىدۇ.  

ئوت ئاپىتىدە يۈزلىگەن ئۆي كۆيۈپ كۈل بولدى ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى رايوندىن تارقاقلاشتۇۇش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا.

16 مىڭ گېكتار رايونغا كېڭەيگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 6 نۇقتىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتى سۈنئىي ھەمراھ تەرەپىدىنمۇ سىنغا ئېلىندى.

لوس-ئانجېلىس شەھەر باشلىقى كارېن باس: «شامال بەك كۈچلۈك. ئادەتتە بۇنداق كۈچلۈك شامالغا يامغۇرمۇ ھەمراھ بولىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم شامال كۈچلۈك، ھاۋا بەك قۇرغاق. ئوت ئاپىتىنىڭ دەھشىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن <ئوت ئاپىتى 12 مىنۇتتا 20 ھەسسە كېڭەيدى> دېيەلەيمەن» دېدى.

ئوت ئاپىتىغا 7 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قاتناشماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئىتالىيە زىيارىتىنى بىكار قىلدى.

ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ 50 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر