رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زاپورىژيا رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 30 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋلادىمىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ زاپورىژياغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
زېلېنسكىي باياناتىدا: «ھازىرغا قەدەر ئونلىغان كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم. ھەممەيلەنگە زۆرۈر بولغان ياردەملەر قىلىنىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن» دېدى.
زاپورىژيا رايونى ھەربىي ئىدارە باشلىقى ئىۋان فېدوروۋ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى بىر سانائەت ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدا يارىلانغان 30 كىشىنىڭ رايونلۇق دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى باشلىقى ئاندرىي يېرماك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا زاپورىژياغا قارىتىلغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە يەنە پۇقرالارنى بومباردىمان قىلىۋاتىدۇ» دېدى.