ب د ت سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا مەبلەغ سېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

ب د ت ئىنسانىي ئىشلار ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جېنس لائېركې، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن دۆلەتكە قارىتىلغان ئىنسانىي ياردەم ۋە قوللاش مەسىلىلىرى ھەققىدە مەتبۇئاتقا بايانات بەردى.

2228247
ب د ت سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا مەبلەغ سېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

سۈرىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن لائېركې، بۇ ئېھتىياجلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە پاكىز سۇ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لائېركې: «سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى ئېنىق. بۇ ئېلىكتېر تەمىناتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي مۇلازىمەتلەرنى قايتا قۇرۇشقا، كىشىلەرنىڭ كىرىمگە ۋە تۇرمۇشىنى قامداش ۋاستىلىرىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن» دېدى.

مۇھىم ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىدىغان ھەمدە تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىلىرىگە ئاساس سالىدىغان «دەسلەپكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرى» نى قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن لائېركې، بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇ مەنبەلىرىنى ئوڭشاش ياكى سۇغىرىشقا مەبلەغ سېلىشنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

جېنس لائېركې، مەسىلىلەرگە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىشنىڭ، كىشىلەرنىڭ يۇرتلىرىغا  ئۇزاق مۇددەتلىك قايتىشىغا تېخىمۇ بەك تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لائېركې، سۈرىيەگە قارىتىلغان ئىنسانىي ياردەملەرگە مۇناسىۋەتلىك مالىيە مەسىلىلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئۆتكەن يىلى 10.8 مىليون كىشىنى قوللاش ئۈچۈن 4.1 مىليارد دوللارلىق ياردەم چاقىرىقى قىلغان بولساقمۇ، ئەمما بۇنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىرىلا ئەمەلگە ئاشتى. بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم» دېدى.


خەتكۈچ: #سۈرىيە , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر