شوتلاندىيەدە يۈزلەرچە بوۋاق زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار ھالەتتە تۇغۇلغان

شوتلاندىيەدە 2017-يىلدىن بۇيان 1501 بوۋاقنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار ھالەتتە تۇغۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2226922
شوتلاندىيەدە يۈزلەرچە بوۋاق زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار ھالەتتە تۇغۇلغان

شوتلاندىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى ئۇچۇر ئېلىش ئەركىنلىكى دائىرىسىدە توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار ھالەتتە تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يوقلۇق سىندىرومى (NAS)» تېمىسىدا دوكلات تەييارلىدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلدىن بۇيان 1501 بوۋاق «يوقلۇق سىندىرومى» بىلەن تۇغۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھامىلىدارلىق جەريانىدا ئانىلارنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلىتىشى سەۋەب بولغان.

پايتەخت ئېدىنبۇرگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لوتىيان رايونىدا 774 بوۋاق، گلازگو ۋە كلايد رايونىدا 221 بوۋاق، ئابېردىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان گرامپىيان رايونىدا 209 بوۋاق زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار ھالەتتە تۇغۇلغان.

دوكلاتتا، مەزكۇر بوۋاقلاردا كونترول قىلغىلى بولمايدىغان تىترەش، ھەددىدىن زىيادە ھەرىكەتچان بولۇش، تېرىدە قىزىرىش ۋە يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دوكلات ھەققىدە بايانات بەرگەن شوتلاندىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى رەئىسى ئالېكس كولخامىلتون، شوتلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىشلىق ئۆلۈملەر مەسىلىسىدە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنى زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارشى كۈرەش قىلىش مۇلازىمەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر