70 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن ئۆلگەن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2014-يىلدىن بۇيان 70 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2221970
70 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن ئۆلگەن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 18-دېكابىر (2024) خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېكس (X) بېتىدە ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى:

«2014-يىلدىن بۇيان 70 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن ئۆلدى. بىخەتەر، تەرتىپلىك ۋە كىشىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى قوغدالغان كۆچكە كاپالەتلىك قىلايلى. داۋالىنىش ھوقۇقىنى قوغدايلى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئالايلى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر