ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 44 مىڭ 930 غا يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 44 مىڭ 930 غا يەتتى.
2220563
غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 435 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەدە ئىككى «قىرغىنچىلىق» سادىر قىلىپ، يەنە 55 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 170 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغان.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 44 مىڭ 930 غا، يارىلانغانلار سانى 106 مىڭ 624 كە يەتكەن.
باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
بايدىن تۈركىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر جازانى ئەمەلدىن قالدۇردى
جو بايدىن تۈركىيەگە قاراتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى جازا قارارنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.