«سۈرىيەدە 100 گە يېقىن ئادەمنىڭ جەسەت قالدۇقى تېپىلدى

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىكى خەلقئارا ئايرودرومغا بارىدىغان يولنىڭ بويىدا 100 گە يېقىن كىشىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرى تېپىلدى.

2220478
«سۈرىيەدە 100 گە يېقىن ئادەمنىڭ جەسەت قالدۇقى تېپىلدى

بەئس ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدىكى ئىزدەش-تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا؛ بۇ دائىرىدە، دەمەشىق ئايرودرومىغا بارىدىغان يول بويىدا تەخمىنەن 100 كىشىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرى تېپىلدى.

جەسەتلەرنىڭ بەزىلىرى جەسەت خالتىلىرىغا سېلىنغان، يەنە بەزىلىرى بولسا يول بويىغا تاشلىۋېتىلگەن بولۇپ، جەسەت خالتىلىرىنىڭ ئۈستىدە پارسچە خەتلەرنىڭ بارلىقى بايقالدى.

جەسەت قالدۇرقلىرى تېپىلغاندىن كېيىن رايوندىكى ئىزدەش-تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى.

سۈرىيەدە 27-نويابىر كۈنى ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار كۈچىيىشكە يۈزلەنگەن؛ خەلقنىڭ7-ئۆكتەبىردە پايتەخت دەمەشىققە كىرىشكە باشلىغان قوراللىق ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئەسەد تۈزۈمى دەمەشق ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردا كونتروللۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ غۇلىغانىدى.

بەئس پارتىيەسىنىڭ دۆلەتتىكى 61 يىللىق ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشقان، سابىق تۈزۈمنىڭ رەھبىرى بەششار ئەسەد پايتەختتىن قېچىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر