«سۈرىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا يول قويۇلماسلىقى كېرەك»
ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا سۇدانى سۈرىيە زېمىنىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
2220546
ئىراق باش مىنىستىرى سۇدانى پايتەخت باغدادتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننى قوبۇل قىلدى.
ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شىيا بىلەن بلىنكىننىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئورتاق ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرىدىن باشقا رايونغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، سۈرىيەدە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە پۈتۈن رايوننى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يولىدا قىلىنىشى كېرەك بولغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق خىزمەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى..
باش مىنىستىر سۇدانى سۆھبەت جەريانىدا، ئىراقنىڭ سۈرىيەنى قوللاش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ۋە دوست دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەلىكلەرنىڭ دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش، ئۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ياردەم قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكرارلىدى.
مۇقىملىقنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن سۈرىيە خەلقىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنىڭ دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا ۋەكىللىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن سۇدانى، ئىراقنىڭ، سۈرىيەدىكى سىياسىي مۇساپىگە ئۆتۈش باسقۇچىغا مەسئۇل تەرەپلەردىن سۆز ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەت كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ھېچقانداق تەرەپنىڭ سۈرىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا قارىتىلغان تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېنمۇ سۈرىيە خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە تەركىبلىرىنىڭ خىلمۇخىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىغدۇرۇشچان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىدە دۆلىتىنىڭ ئىراق بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىلىنكېن، ئىراقنىڭ رايوندىكى ھالقىلىق بىر ھەمكار سۈپىتىدە ئوينىغان ئاچقۇچلۇق رولىنىڭ ۋە رايوندا يۈز بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەر مەسىلىسىدە ئىراق بىلەن مەسلىھەتلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
مىنىستىر بىلىنكېن يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشقا قارشى خەلقئارالىق ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
بايدىن تۈركىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر جازانى ئەمەلدىن قالدۇردى
جو بايدىن تۈركىيەگە قاراتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى جازا قارارنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.