جەنۇبىي سۇداندا خولېرا ۋاباسى تارقاپ 60 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جەنۇبىي سۇداندا 28-ئۆكتەبىردىن بۇيان خولېرا ۋابا كېسىلى سەۋەبىدىن 60 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
2220503
جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى سالۋا كىئىر مايارىدىت رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن، جەنۇبىي سۇدان ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى مىخائىل ماكۇئېي لۇئېس، دۆلەتتىكى خولېرا ۋاباسىغا گىرىپتار بولغانلار سانىنىڭ 6 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
لۇئېس، جەنۇبىي سۇداندا خولېرا ۋاباسىنىڭ ھەممە يەرگە تارقالغانلىقىنى، 28-ئۆكتەبىردىن بۇيان خولېرا سەۋەبىدىن 60 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
خولېرانىڭ بولۇپمۇ سۇداندىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن دۆلەتكە قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان لۇئېس، ئەھۋالنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى، 10-دېكابىردا ب د ت ھەمكارلىقىدا دۆلەتتىكى خولېرا ۋاباسى ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇقرالارغا ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسىنى يولغا قويغانىدى.
ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان قوشنا سۇداندا بولسا خولېرا سەۋەبىدىن 12-ئاۋغۇستتا ۋابا ئېلان قىلىنغان ۋە يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 46 مىڭدىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
سۇداندىكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن جەنۇبىي سۇدانغا ئۆتكەنلەر سانى 880 مىڭ ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
دۇنيا رەھبەرلىرى ترامپنى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ترامپنىڭ ئىككىنچى مەزگىللىك پىرېزىدېنتلىق دەۋرى باشلاندى.