گىرېتسىيە سۈرىيەلىكلەرنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىغا جاۋاب بېرىشنى توڭلاتتى

گىرېتسىيە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرىغا جاۋاب بېرىشنى توڭلاتتى

2220552
گىرېتسىيە سۈرىيەلىكلەرنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىغا جاۋاب بېرىشنى توڭلاتتى

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىپ، سۈرىيەلىكلەرنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىندا، سۈرىيەلىكلەرنىڭ بۈگۈنگىچە گىرېتسىيە ئورگانلىرىغا سۇنغان پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرىنىڭ ئەكسىچە بىر قارار چىققۇچە توختىتىپ قويۇلۇشىغا قارار قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت، ھەر ھەپتە ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىپ، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئىلتىماسلىرىغا قارىتا تۇتىدىغان يولنى بەلگىلەيدىكەن.

مەۋجۇت ئىلتىماسلار سەۋەبىدىن پىلانلانغان سۆھبەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش داۋاملىشىدىكەن، يېڭى ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلىشمۇ داۋاملىشىدىكەن، ئەمما بۇ مەسىلە  توغرىسىدا ئاخىرقى قارار چىقىپ بولغۇچە ئىلتىماسلارغا ئىجابىي ياكى سەلبىي جاۋاب بېرىلمەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر