ئىيوردانىيەدە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ
ئىيوردانىيە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 14-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مىنىستىرلار دەرىجىلىك يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىيوردانىيەنىڭ 14-دېكابىر كۈنى (2024) سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مىنىستىرلار دەرىجىلىك يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئىيوردانىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارارىغا ئاساسەن سۈرىيە ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەمدە ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق، لىۋان، مىسىر ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپىدىن تەركىب تاپقان ئەرەب مىنىستىرلار ئالاقە كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن سىرت يەنە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ ئەقەبە شەھىرىدە يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 14-دېكابىر كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاجا كاللاس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ئەلچىسى گېئىر پېدېرسېن بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.