پ ك ك/ي پ گ رەققەدە 4 پۇقرانى ئۆلتۈردى

سۈرىيەنىڭ رەققە شەھىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ خەلققە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2220358
پ ك ك/ي پ گ رەققەدە 4 پۇقرانى ئۆلتۈردى

رەققە شەھىرىدە كەڭ خەلق ئاممىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شەھەردىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان خەلققە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

رەققە خەلقىنىڭ نارازىلىقى داۋاملاشقانلىقى سەۋەبىدىن، تېررورچىلار ئاپتوموبىللىرى بىلەن رايوندىن قېچىپ كەتتى.

يەرلىك مەنبەلەر ھەسەكە شەھىرىدىمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ لاتىسىنىڭ ئورنىغا سۈرىيەنىڭ يېڭى بايرىقىنى ئاسقان بىر نامايىشچىغا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەبلەرنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغان رەققە شەھىرى 2017-يىلى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر