گۇتېررېس ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

2220191
گۇتېررېس ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ئېفىيوپىيە بىلەن سومالى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەنقەرە باياننامەسىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتا ئوينىغان رولى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ب د ت بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى گۇتېررېسنىڭ ئەنقەرە باياننامەسىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، گۇتېررېسنىڭ ئەنقەرە باياننامەسىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايىسىدا، سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد بىلەن ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەدنىڭ تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلىرىنى دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەل قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ھەمدە گۇتېررېسنىڭ تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرنىڭ باشلىنىشى ۋە بۇ باسقۇچتىكى ئىجابىي نەتىجىلەرنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ب د ت باش كاتىپى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش تىرىشچانلىقى ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىدا ئوينىغان ئىجابىي رولى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ باسقۇچنى قوللاشقا تەييار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر