ترامپ: سۈرىيەلىكلەرنىڭ ھاكىمىيەت مەسىلىسىگە ئارىلاشمايمىز
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 47-پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد ترامپ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەن سۈرىيە ئۈچۈن: «سۈرىيەلىكلەر ھاكىمىيەت مەسىلىسىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى بىز بۇ مەسىلىگە ئارىلاشمايمىز» دېدى.
دونالد ترامپ 7-دېكابىر (2024) دىكى نوتردام چېركاۋىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، «پارىژ ماتچ» ژۇرنىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ترامپ سۆھبەتتە خەلقئارا كىرىزىسلار ۋە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەم سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:
«ئوتتۇرا شەرقنى كونتىرول قىلىش نىسبەتەن ئاسانراق ئەھۋال.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، دۇنيادا بەك كۆپ كىرىزىس بار. يېقىندا سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەر تاپتۇق، سۈرىيەلىكلەر ھاكىمىيەت مەسىلىسىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى بىز بۇ مەسىلىگە ئارىلاشمايمىز، فىرانسىيەمۇ ئارىلاشمايدۇ.»
دونالد ترامپ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئىككى دۆلەتتە ھەيران قالارلىق شەكىلدە ئادەملەر ئۆلۈۋاتىدۇ، جۈملىدىن بۇ ئىككى دۆلەتتە يۈز مىڭلىغان ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى. ئوتتۇرا شەرقمۇ مۇھىم، ئەمما مېنىڭچە بۇ رايوننى كونتىرول قىلىش ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەگە سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن ئاسانراق ئەھۋال.»
يەكشەنبە كۈنى سۈرىيەدە بائاس پارتىيەسىنىڭ61 يىللىق ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بەششار ئەسەد دۆلىتىدىن قېچىپ كەتكەنىدى.