G7 رەھبەرلىرى سۈرىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەدىن تەشكىللەنگەن G7 دۆلەت رەھبەرلىرى، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

2219995
G7 رەھبەرلىرى سۈرىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

G7 دۆلەت رەھبەرلىرى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، ب د ت نىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى بويىچە سۈرىيەلىكلەرنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەممىگە قۇچاق ئاچىدىغان سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ب د ت ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان گولان ئېگىزلىكىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش قىسمىنى قوللاش ئەسكەرتىلدى.

 باياناتتا، G7 رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىق قاتارلىق قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان ئىشەنچلىك ھۆكۈمەتكە يول ئاچىدىغان جەرياننى قوللاشقا ۋەدە بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى مەسئۇلىيىتى تەكىتلەندى ۋە خىمىيەلىك قوراللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، G7 رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيە خەلقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتنى قايتا قۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنى تەييارلاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر