ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى غەززە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا غەززەدە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى ھەم تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.

2219939
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى غەززە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئاۋازا قويۇلغان غەززەدە دەرھال، شەرتسىز ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ھەم تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارار لايىھەسى 9 غا قارشى 158 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى، 13 دۆلەت ئاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ 3-قېتىم ئۇرۇش توختىتىش قارار لايىھەسى قوبۇل قىلىنغان بولدى.

ئومۇمىي كېڭەشتە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) نى قوللاش قارار لايىھەسىمۇ ئاۋازغا قويۇلدى.

9غا قارشى 159 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان قارار لايىھەسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت خادىملىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ئەسلى گۈۋەن ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

گۈۋەن تۈركىيەنىڭ پەلەستىننىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپلىرىنى ۋېتو قىلغان دۆلەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ۋېتو ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى توختىتالىشى مۇمكىن، ئەمما ھەقىقەتنى جىمىقتۇرالمايدۇ ياكى ئادالەتنىڭ ھامان بىر كۈنى بەرپا قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ھەقىقەتلەرنى ۋېتو قىلغىلى بولمايدۇ. تارىخ ئادالەتسىزلىكلەر ئالدىدا كىمنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى، كىمنىڭ تىنچلىق تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايدۇ.»

ئۇ، ئىسرائىلىيەنى قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش چاقىرىقنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:

«چۈنكى بۇ، ئىشغالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن قانۇنىي، ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر