پ ك ك نىڭ دىرئەززۇرغا قىلغان ھۇجۇمىدا 10 پۇقرا قازا قىلدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ دىرئەززۇر ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ھۇجۇمىدا 10 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۈرىيەدە 27-نويابىر كۈنى كەسكىنلىشىپ كەتكەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دىرئەززۇر ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىدە پۇت تىرەپ تۇرالمىغان ۋە ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن بۇ يەردىن قوغلىۋېتىلگەن تېررورچىلار شەھەرگە قايتا ھۇجۇم قىلدى.
پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 10 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پۇقرالار تەرىپىدىن تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرى ۋېدىئوغا ئېلىپ ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە، پ ك ك/ي پ گ نىڭ جامەنىڭ مۇنارىدىن كوچىدىكى پۇقرالارغا ئوق چىقارغانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ قان ئىچىدە قالغانلىقى كۆرۈلىدۇ.
سۈرىيەدە 27-نويابىر كۈنى بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەنىدى.
7-دېكابىر كۈنى پايتەخت دەمەشىققە كىرىشكە باشلىغان گۇرۇپپىلارنى خەلق ئاممىسىمۇ قوللاپ، قىزغىن قارشى ئالغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇ يەردە ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردا كونتروللۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، يىمىرىلگەنىدى.
يەكشەنبە كۈنىمۇ بەئىس پارتىيەسىنىڭ دۆلەتتىكى 61 يىللىق ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى بەششار ئەسەد پايتەختتىن قېچىپ كەتكەنىدى.