ئانتونى بلىنكېن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي مۇساپىنى رەت قىلىشى ۋە 2011-يىلدىن بۇيان ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا تايىنىشنىڭ ۋەيران بولۇشىغا يول ئاچقانلىقىنى ئېيتتى.
![ئانتونى بلىنكېن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6044/ccd5/4967/6756a02ef1923.jpg?time=1737104225)
ئانتونى بلىنكېن 14 يىللىق توقۇنۇشتىن كېيىن، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۈمىد قىلىدىغان سەۋەبلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەلىكلەر ئېلىپ بارىدىغان تىنچ ئۆتكۈنچى مۇساپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بلىنكېن: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2011-يىلدىن بۇيانقى ئىشەنچلىك سىياسىي مۇساپىنى رەت قىلىشى ۋە رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ قوللىشىغا تايىنىشى، ئۇنىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى» دېدى.
سۇرىيە خەلقىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە دۆلەت ئورگانلىرىنى قوغداش، ئاساسىي مۇلازىمەت ئورنىتىش ۋە نازۇك جەمئىيەت دىنامىكلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ شېرىكلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئانتونى بلىنكېن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، پۇقرالارنى شۇنداقلا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنى قوغداش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.
سۈرىيەدە 27-نويابىردا ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەن ئىدى.
پايتەخت دەمەشىققە 7-دېكابىردا كىرىشكە باشلىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى خەلق ئاممىسىنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ھاكىمىيەت دەمەشىق ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردا كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، يىقىلغان ئىدى.
تۈنۈگۈن (2024-يلى 8-دېكابىر) بائاس پارتىيەسىنىڭ دۆلەتتىكى 61 يىللىق ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقان ۋە ھاكىمىيەت رەھبىرى بەششار ئەسەد پايتەخت دەمەشىقتىن قاچقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![كۇبادىكى 13 ئەسكەرنىڭ پارتلاشتا قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/9efa/3a58/8c6c/62f265e53afa6.jpg?time=1737104226)
كۇبادىكى 13 ئەسكەرنىڭ پارتلاشتا قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
كۇبادىكى پارتلاشتىن كېيىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان 13 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى.