ئەسەد ۋە ئائىلىسى موسكۋاغا يېتىپ باردى
رۇسىيە سۈرىيەنىڭ يىقىلغان رەھبىرى بەششار ئەسەدنىڭ دۆلىتىنى تەرك ئەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بەزى مەنبەلەر بولسا، ئەسەد ۋە ئائىلىسىنىڭ رۇسىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ «دراماتىك ۋە ئەندىشىلىك» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، ئەسەد ۋە قوراللىق توقۇنۇشۇۋاتقان كۈچلەر ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
باياناتتا: «سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ئەسەد، ھاكىمىيەتنى تىنچلىق يولى بىلەن تاپشۇرۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش قارارى ئالدى ۋە دۆلىتىنى تەرك ئەتتى. رۇسىيە بۇ سۆھبەتلەردە ئورۇن ئالمىدى» دېيىلدى.
رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى تاس (TASS) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەسەد ۋە ئائىلىسىگە رۇسىيە پاناھلىنىش ھوقۇقى تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، پايتەخت موسكۋاغا يېتىپ بارغان.
ئەسەد ۋە ئائىلىسىنىڭ موسكۋادا ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن خەۋەردە، پاناھلىنىش ھوقۇقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك سەۋەبلىرى بىلەن بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىگەن.
سۈرىيەدە 27-نويابىردا (2024) ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەن ئىدى.
پايتەخت دەمەشىققە 7-دېكابىردا كىرىشكە باشلىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى خەلق ئاممىسىنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ھاكىمىيەت دەمەشىق ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردا كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، يىقىلغان ئىدى.
تۈنۈگۈن بائاس پارتىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى 61 يىللىق ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقان بولدى.