سۇللىۋان ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان ئىسرائىلىيەگە بېرىپ سۈرىيە ۋە لىۋان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
2218714
ئىسرائىلىيە مەھەللىي تاراتقۇلىرى سۇللىۋاننىڭ 11-دېكابىر ئىسرائىلىيەگە كېلىپ، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياخۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى مىنىستىرى يىسرائىل كاتز بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، سۇللىۋاننىڭ ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە 27-نويابىر لىۋاندا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە كۆرسىتلىشىچە، سۆھبەت جەريانىدا، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
رەسمىي ئورگانلار سۇللىۋاننىڭ ئىسرائىلىيە زىيارىتى توغرىسىدا تېخى بايانات ئېلان قىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەمەندىكى پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
يەمەننىڭ بەيدا شەھىرىدە بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.