پېسكوۋ: ئەسەدكە پاناھلىق بېرىش مەسىلىسىگە پۇتىن قارار قىلىدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى—كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، سۈرىيەدىكى بەئس ھاكىمىيىتىنىڭ ئابدۇرۇپ تاشلانغان رەھبىرى بەششار ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە پاناھلىق بېرىش ھوقۇقىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
2218705
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات بەردى.
پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە پاناھلىق بېرىش قارارى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇنىڭغا ئوخشاش قارارلار پىرېزىدېنتنىڭ رۇخسىتىسىز ئېلىنمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ قارارى» دېدى.
پۇتىننىڭ ھازىرچە بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئالغان پېسكوۋ، بەششار ئەسەدنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى خالىمىدى.
پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ھىمەيمىم ۋە تارتۇس رايونلىرىدىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ: «قانداقلا بولمىسۇن، بۇ سۈرىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە تېگىشلىك مەسىلە. ھازىر ئۆزگىرىش ۋە چېكىدىن ئاشقان مۇقىمسىزلىق دەۋرى داۋاملاشماقتا. شۇڭلاشقا، ۋاقىتقا ھەمدە ئەستايىدىل كېڭىشىشكە ئېھتىياج بار» دېدى.
ئۇ بۇ بازىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
پېسكوۋ روسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرغان ئاستانە فورماتىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇ فورمات ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. باشقا تەرەپتىن مەزكۇر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سىياسىي كېڭىشىش مېخانىزمى سۈپىتىدە ھەمىشە كۈچكە ئىگە. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ مەسلىھەتلەر ئەلۋەتتە داۋاملىشىدۇ» دېدى.
دىمىترىي پېسكوۋ يەنە سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈركىيە ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەمەندىكى پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
يەمەننىڭ بەيدا شەھىرىدە بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.