جەنۇبىي كورېيەدە بېلىقچىلار كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 7 ئادەم ئۆلدى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ گيېڭجۇ شەھىرى دېڭىز بويلىرىدا بىر بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 7 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 كىشى يوقاپ كەتتى.

2218489
جەنۇبىي كورېيەدە بېلىقچىلار كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 7 ئادەم ئۆلدى

جەنۇبىي كورېيە پوخاڭ دېڭىز ساقچىلىرى ئىدارىسى مەسئۇللىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ گيېڭجۇ شەھىرى دېڭىز بويلىرىدا بىر بېلىقچىلار كېمىسى قۇم پاراخوتىغا سوقۇلۇپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن.

ۋەقەدە 3 جەنۇبىي كورېيەلىك ۋە 5 ھىندونېزىيەلىك ئولتۇرغان بېلىقچىلار كېمىسىدىكى 7 كىشى جېنىدىن  ئايرىلغان، 1 كىشى يوقاپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر