بىر ئامېرىكا مەسئۇلى سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەردە تۈركىيەنىڭ رولى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا مەسئۇلى سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە بىلەن تولۇق ھەمكارلىقتا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭ تۈرلۈك ئىجابىي تەسىرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

2218478
بىر ئامېرىكا مەسئۇلى سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەردە تۈركىيەنىڭ رولى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكالىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەسئۇل خادىم ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى شەرتى بىلەن ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر نۇقتىسىدا ھازىرچە ئاساسىي مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ «يېڭى بىر سۈرىيە» ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن يىراقلىشىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ھەممەيلەننىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر سۈرىيە ئۈچۈن كۈچەپ تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا مەسئۇلى، تۈركىيە ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ جەرياندا تولۇق ھەمكارلىقتا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CİA) باشلىقى بىل بۇرنس ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ تۈركىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا مەسئۇلى يەنە، ئامېرىكانىڭ ھەيئەت تەھرىر شامى (ھ ت ش) بىلەن مۇناسىۋىتى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، بۇ گۇرۇھنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆتكەل جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكانىڭ ھ ت ش بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ «ئامېرىكا مەنپەئەتلىرى» ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ ۋە مۇۋاپىق شەكىلدە يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەسئۇل، ھ ت ش مەسئۇللىرىنىڭ سۆزلىرىىنىڭ قانداق شەكىلدە ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەدە 27-نويابىردا ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەن ئىدى.

پايتەخت دەمەشىققە 7-دېكابىردا كىرىشكە باشلىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى خەلق ئاممىسىنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ھاكىمىيەت دەمەشىق ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردا كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، يېقىلغان ئىدى.

تۈنۈگۈن (2024-يىلى 8-دېكابىر) بائاس پارتىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى61 يىللىق رەسمىي ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقان ۋە ھاكىمىيەت رەھبىرى بەششار ئەسەد پايتەختتىن قاچقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر