ب د ت سۈرىيە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس: «14 يىللىق ۋەھشىيانە ئۇرۇش ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۈرىيە خەلقى مۇقىم ۋە تىنچ كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى» دېدى.
ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس سۈرىيەدىكى بائاس پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يازما بايانات ئېلان قىلدى.
گۇتېررېس سۈرىيەلىكلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ب د ت نىڭ سۈرىيەدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر ئو.پېدېرسېننىڭ بۇ يۆنىلىشنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گۇتېررېس: «14 يىل داۋاملاشقان ۋەھشىيانە ئۇرۇش ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۈرىيە خەلقى مۇقىم ۋە تىنچ كەلگۈسى بەرپا قىلىشتەك تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى» دېدى.
گۇتېررېس تەرتىپلىك سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر» نىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ سەزگۈر پەيتتە، زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ۋە كەمسىتىشسىز ھالدا بارلىق سۈرىيەلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش چاقىرىقىمنى قايتا تەكىتلەيمەن» دېدى.
گۇتېررېس كونسۇللار ۋە دىپلوماتىك ئورگانلار بىلەن ئۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ب د ت باش كاتىپى سۈرىيەلىكلەرنىڭ ياراشتۇرۇش، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە گۈللىنىش ھەممەيلەنگە تەڭ يەتكۈزۈلىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ سۈرىيەنىڭ سىجىل تىنچلىقىنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
سۈرىيەدە 27-نويابىردا ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەن ئىدى.
پايتەخت دەمەشىققە 7-دېكابىردا (2024) كىرىشكە باشلىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى خەلق ئاممىسىنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ھاكىمىيەت دەمەشىق ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردا كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، يىقىلغان ئىدى.
تۈنۈگۈن (8-دېكابىر) بائاس پارتىيەسىنىڭ دۆلەتتىكى 61 يىللىق ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقان ۋە ھاكىمىيەت رەھبىرى بەششار ئەسەد پايتەخت دەمەشىقتىن قاچقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەمەندىكى پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
يەمەننىڭ بەيدا شەھىرىدە بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.