ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە غەززەدىكى كەمال ئەدۋان دوختۇرخانىسى ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلىپ 33 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

2218195
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا
gazze'de katliam.jpg
gazze katliam.jpg
gazze'de katliam.jpg

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى تېدروس ئادھانوم گېبرېيېسۇس، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كەمال ئەدۋان دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا X ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

گېبرېيېسۇس: «كېچە غەززەنىڭ شىمالىدىكى كەمال ئەدۋان دوختۇرخانىسىنىڭ ئەتراپى كەڭ كۆلەملىك بومباردىمان ۋە ھۇجۇملارغا ئۇچرىدى.  دوختۇرخانىنىڭ سىرتىدا 33 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى ھەمدە پەيدا بولغان ۋاھىمە سەۋەبىدىن داۋالاش خادىملىرى ۋە نۇرغۇن يارىدارلار، بىخەتەرلىك ئۈچۈن تۇرغان يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى» دېدى.

گېبرېيېسۇس، «دوختۇرخانىدا 90 بېمار ۋە 66 داۋالاش خادىملىرى قالدى. كەمال ئەدۋان دوختۇرخانىسى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ، لېكىن يۈز بەرگەن بۇ ئەڭ ئاخىرقى ۋەقە دوختۇرخانىنىڭ خىزمەت قىلىش قابىلىيىتىنى تېخىمۇ چەكلىمىگە ئۇچراتتى» دېدى.

گېبرېيېسۇس كەمال ئەدۋان دوختۇرخانىسىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى خەلق ئۈچۈن "ئەڭ ئاخىرقى قۇتقۇزغۇچى" ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ قوغدىلىشىنى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر