تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۈرىيە ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى
تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا بىر يەرگە جەم بولدى.
2218182
ئاستانا فورماتلىق يىغىندا، سۈرىيەدە سىياسىي جەريانلارنى قايتا باشلاشنىڭ مۇھىملىقى، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھىملىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتى تارتىلدى.
يىغىندا تۈركىيەگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋەكىللىك قىلدى.
ئاستانا فورماتىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن مۇشتەرەك بايانات ئېلان قىلىندى.
سۈرىيە كىرىزىسىغا سىياسىي ھەل قىلىش يولى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، كىرىزىسنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەۋپلىك ئۆزگىرىش تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
بارلىق تەرەپلەردىن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش ۋە پۇقرالارنى بۇ كىرىزىسنىڭ تەسىرىدىن قوغدىيالايدىغان سىياسىي ھەل قىلىش يولى تېپىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.