سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى گۇرۇپپىلار دەير ئەززور شەھىرىنىڭ مەركىزىگە كىرىشكە باشلىدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى گۇرۇپپىلار سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئاغدۇرغاندىن كېيىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان دەير ئەززور شەھىرىنىڭ مەركىزىگە كىرىشكە باشلىدى.

2218209
سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى گۇرۇپپىلار دەير ئەززور شەھىرىنىڭ مەركىزىگە كىرىشكە باشلىدى

ئاغدۇرۇلغان سۈرىيە ھاكىمىيىتى كۈچلىرى 6 - دىكابىردا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دىر ئەززور ئۆلكىسىگە جايلاشقان قىسىملىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئىراق چېگراسىغا چېكىندۈرگەن بولۇپ، ۋىلايەت مەركىزىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتىگە تاشلاپ قويغان ئىدى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىي يېزا-قىشلاق رايونىدا 27 - نويابىردا ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش باشلانغان ئىدى.

ھەلەب مەركىزىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھاكىمىيەت كۈچلىرىدىن تارتىپ ئالغان ھاكىمىيەتكە قارشى گۇرۇپپىلار، ئىدلىب رايونىدىمۇ كونتىروللۇقىنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئارقىدىن ھاما، ھۇمۇس ۋە دەرا ۋىلايەتلىرىنىڭمۇ كونتىروللۇقىنى قولىغا ئالغان ئىدى.

سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۇۋەيدا ۋىلايەت مەركىزىمۇ تۈنۈگۈن (7- دىكابىر) ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن ئىدى.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەلەب يېزا-قىشلاق رايونىدا 1 - دېكابىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا قارشى باشلىغان ئەركىنلىك تېڭى ھەرىكىتىدە، تېل رىفات ناھىيە مەركىزى تېررورچىلاردىن ئازاد قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر