شەندۇڭدا سوغۇق ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 9 خىتاي ئۆلدى
خىتاينىڭ شىمالىدىكى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە سوغۇق ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 9 خىتاي ئۆلدى.
2218202
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن روڭچىڭ شەھىرىدە <لەنرۇن> ناملىق بىر يەرلىك شىركەتكە تەۋە سوغۇق ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا ئىزولياتورلۇق ماتېرىياللارنىڭ كۆيۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
ئوت ئاپىتىدە 9 خىتاي ئۆلدى ۋە ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى ۋە ئامبارلاش مەركەزلىرىدە ئۇل - ئەسلىھەلەرنىڭ كونىراپ كېتىشى ياكى كەسپىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن كۆپ ھاللاردا ئادەم ئۆلۈشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ خىل ھادىسىلەر پات-پات يۈز بېرىپ تۈرىدۇ.