رۇسىيەگە تەۋە تەبىئىي گاز سۈپىسى قىرىم دېڭىز قىرغىقىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە تەۋە تىزگىنەكلىك دېڭىز ئاستى كېمىسى تەبىئىي گاز سۈپىسىغا كامىكازې ھۇجۇمى قىلدى.

2218218
رۇسىيەگە تەۋە تەبىئىي گاز سۈپىسى قىرىم دېڭىز قىرغىقىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ukrayna.jpg
zelenskiy-macron-trump.jpg

پارتلاشتىن كېيىن، ئوت ئاپىتى يۈز بەردى ۋە تەبىئىي گاز سۈپىسى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.

روسىيەمۇ ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

زاپورىجياغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 10 كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىچىك بالىنى قوشقاندا 24 كىشى يارىلاندى. نۇرغۇن ئۆي، كارخانا ۋە ئاپتوموبىللار زىيانغا ئۇچرىدى.

رۇسىيە قىسىملىرى يەنە كرىۋىي رىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا ئۈچ كىشى قازا قىلدى ۋە نۇرغۇن بىنالار زىيانغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئۇكرائىناغا بولغان ھەربىي ياردىمىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىناغا 988 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھەربىي ياردەمنىڭ ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كېرەكلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە ئامېرىكانىڭ 47-نۆۋەتلىك سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر يەرگە جەم بولۇپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر