بەشار ئەسەدنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى تېخىمۇ چوڭ سوئالغا ئايلاندى
سۈرىيەدە ھاكىمىيەت پايتەخت دەمەشىقنىڭ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويغاندىن كېيىن بەشار ئەسەدنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى تېخىمۇ چوڭ سوئالغا ئايلاندى.
2218173
![بەشار ئەسەدنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى تېخىمۇ چوڭ سوئالغا ئايلاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4d84/9d05/297e/675547d47322a.jpg?time=1737390036)
دەمەشىق-لازىقىيە ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر ئايروپىلان ئۇچۇشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر خىل پەرەزلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.
ئەسەد ھاكىمىيىتى پايتەخت دەمەشىقتە كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ، ھاكىمىيەتكە قارشى گۇرۇپپىلار شەھەر مەركىزىگە كىرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئەسەدنىڭ بىر ئايروپىلان بىلەن دەمەشىقتىن ئايرىلغانلىقىغا دائىر پەرەزلەر كۈن تەرتىپكە كەلدى.
بۇ قېتىم ئىنتېرنېتتە ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنى كۆزىتىدىغان بىر تور بېتى، دەمەشىقتىكى ئايرودورومدىن ئۇچقاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا ھۇمۇسنىڭ غەربىدە كۆرۈلگەن، ئاندىن ئىزى يوقالغان بىر ئايروپىلاندا بەشار ئەسەدنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ راداردىن يوقىلىشتىن بۇرۇن 1600 فۇت ئېگىزلىككىچە تۆۋەنلىگەنلىكى ۋە "ئادەتتىن تاشقىرى ھەرىكەتلەر"دە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.