ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 44 مىڭ 664 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 44 مىڭ 664 كە يەتتى.

2218095
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 44 مىڭ 664 كە يەتتى

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 428 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەدە تۆت «قىرغىنچىلىق» سادىر قىلىپ، يەنە 52 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 142 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغان.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 44 مىڭ 664 كە، يارىلانغانلار سانى 105 مىڭ 976 گە يەتكەن.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر