ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززەنىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ، 6 سى بالا، 5 ى ئايال بولۇپ، ئەڭ ئاز 20 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

2218088
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
gazze katliam.jpg
gazze katliam.jpg

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان «ئەننادى» ئائىلىسىنى بومباردىمان قىلىپ، 6 سى بالا، 5 ى ئايال بولۇپ، كەم دېگەندە 20 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى؛ ۋەقەدە ھۇجۇم قىلىنغان ئۆي ۋە ئەتراپىدىكى 46 كىشى يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن بومباردىمان قىلغان ئۆي گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى؛ يېقىن ئەتراپتىكى ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىدى. غەززە پۇقراۋى قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋەقە رايونىدا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا 17 مىڭ 492 سى بالا، 11 مىڭ 979 ى ئايال بولۇپ، 44 مىڭ 612 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 105 مىڭ 834 كىشى يارىلاندى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر