سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ھۇمۇسقا كىردى

سۈرىيە قوراللىق ئۆكتىچىلىرى ھاما شەھىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھومۇس شەھىرىگە كىردى

2218089
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ھۇمۇسقا كىردى

سۈرىيە قوراللىق ئۆكتىچىلىرى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىققە تۇتىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھومۇس شەھىرىنى ئىگىلىدى.

2011-يىلىدىكى خەلق ھەرىكەتلىرى باشلانغان دەرئا شەھىرى مەركىزىمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى.

سۈرىيەدە 2011-يىلى خەلقنىڭ ئەركىنلىك تەلەپلىرى بىلەن باشلانغان ھەرىكەتلەرنىڭ تۈزۈم تەرىپىدىن زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇلماقچى بولۇشى نەتىجىسىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان دەرئا شەھىرى، تۈزۈمگە قارشى قارشىلىق كۆرسىتىش ئوتى يالقۇنجىغان جايلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىي يېزىلىرىدا 27-نويابىردا ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش باشلانغانىدى.

30-نويابىردا ھەلەبنىڭ مەركىزىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ھاكىمىيەت كۈچلىرىدىن ئالغان قوراللىق ئۆكتىچىلەر، شۇ كۈنى پۈتۈن ئىدلىبنى قولغا كىرگۈزگەنىدى.

ئۆكتىچىلەر شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن 5-دېكابىردا ھاما شەھەر مەركىزىنى، ئارقىدىن دەمەشىققە تۇتىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھومۇس ۋىلايىتىنىڭ بەزى يېزا-بازارلىرىنى ئىگىلەپ، ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرغانىدى.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەلەب يېزىلىرىدا 1-دېكابىردا پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى قوزغىغان «ئەركىنلىك تېڭى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تەلرىفات ناھىيە مەركىزى تېرورچىلاردىن ئازاد قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر