قاتار مىنىستىرى ئىران ۋە ئىيوردانىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن سۈرىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى ئىيوردانىيە ۋە ئىرانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن سۈرىيە ۋە غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

2218093
قاتار مىنىستىرى ئىران ۋە ئىيوردانىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن سۈرىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئال سانى ئىيوردانىيەلىك مەنسەپدىشى ئەيمەن سەفەدى ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، قاتار بىلەن مەزكۇر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، ئۇلارنى قوللاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززە ۋە پەلەستىن ۋەزىىيىتى، شۇنداقلا سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

قاتار مىنىستىرى ئال سانى ئۆز دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ بۇ توقۇنۇشنىڭ بارلىق ئاقىۋەتلىرىدىن قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر