ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دوھادا كۆرۈشىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئەراقچى بىلەن قاتار پايتەختى دوھادا كۆرۈشۈشىنىڭ، سۈرىيە ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2217704
ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دوھادا كۆرۈشىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ پايتەخت موسكۋادا ئامېرىكالىق ژۇرنالىست تاكېر كارلسون (Tucker Carlson ) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى قانداق قىلىپ ئاستانا مۇساپىسى پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا قايتا مۇزاكىرە قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ بىر مۇرەككەپ ئويۇن، ئىچىدە نۇرغۇن ئاكتىيورلار بار. مەن بۇ ھەپتە پىلانلانغان ئۇچرىشىشنىڭ (قاتاردا) ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىشىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئۇ رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ ئاستانا مۇساپىسى رامكىسىدا پىلانلىق ھالدا يىغىن ئېچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلنىڭ (2024) ئاخىرى ياكى 2025-يىلنىڭ بېشىدا يەنە يىغىن چاقىرىشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ قانداق شارائىتتا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى سوئالىغا:  «14-ئىيۇن پۇتىن بىر قېتىملىق نۇتقىدا بۇ توغرىدا توختىلىپ، 2022-يىلى ئىستانبۇلدا قوبۇل قىلىنغان پىرىنسىپلار ئاساسىدا سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلىگەن ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر