رۇسىيە-ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تېلېفونلاشتى

رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموف بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى چارلېز ق. بىروۋن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

2217838
رۇسىيە-ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تېلېفونلاشتى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ 27-نويابىر كۈنى تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتى رۇسىيە تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپكە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاق دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن.

سۆھبەتنىڭ مانېۋىر رايونىغا يېقىن ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو پاراخوتلىرى بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە ئاق دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ۋە مانېۋىر جەريانىدا يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر