جەنۇبىي كورېيەدە پىرېزىدېنتنىڭ ئىستېپاسى تەلەپ قىلىنغان نامايىشلار داۋاملاشتى

جەنۇبىي كورېيەدە پرېزىدېنت يۇن سۇكيېئولنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى نامايىش قىلىشنى ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋاملاشتۇردى.

2217643
جەنۇبىي كورېيەدە پىرېزىدېنتنىڭ ئىستېپاسى تەلەپ قىلىنغان نامايىشلار داۋاملاشتى

نامايىشچىلار تۈنۈگۈن (5-دېكابىر) شەھەر مەركىزىگە يىغىلىپ، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە 4-دېكابىر (2024) ئېلان قىلغان ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلغان پىرېزىدېنت يۇننىڭ ھوقۇقىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى، يۇننىڭ ئىستېپاسى ئۈچۈن نامايىش قىلدى.

نامايىشچىلار: «ۋەتەن خائىنى جىنايەتچى يۇن سۇكيېئول ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى دەرھال قولغا ئېلىنىشى كېرەك» دېگەن شوئار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ پىيادە يۈرۈدى.

جەنۇبىي كورېيە ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى يۇن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغۇچە مۇددەتسىز ئىش تاشلاش قارارىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىدىن باشقا، «ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دېموكراتىيە ئۈچۈن خەلق بىرلەشمىسى» قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى 4-دېكابىر پايتەخت سېئۇلدىكى گۋاڭخامۇن مەيدانىغا يىغىلىپ، يۇننىڭ ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنت يۇن سۇكيېئول ئۆكتىچىلەرنىڭ «دۆلەتكە قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى» نى باھانە قىلىپ، 3-دېكابىر ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

پارلامېنتتا ھەربىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپى 190 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەتلىك پارلامېنت ئىشخانىسى ھەربىي ھالەتنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پارلامېنتتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھالەت توغرىسىدىكى ئاۋاز تاشلاشتىن كېيىن كەينىگە چېكىنگەن پىرېزىدېنت يۇن، مىنىستىرلار كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىرغان ۋە كابېنتنىڭ تەستىقلىشىدىن كېيىن، ھەربىي ھالەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر