ھاما شەھەر مەركىزى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى

ھامانىڭ مەزارىب، سانايى ۋە ئەربائىن مەھەللىلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر، شەھەر مەركىزىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، شەھەر مەركىزىنىڭ كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي قولىغا ئالدى.

2217665
ھاما شەھەر مەركىزى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى

بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئۆكتىچىلەر ھاما شەھەر مەركىزىگە كىرگەندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىپ، قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش (2011-يىلى) باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەت كونتروللۇقىدىن پۈتۈنلەي ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن ھاما ۋىلايىتى، ھۇمۇس ئارقىلىق لازقىيە ۋە پايتەخت دەمەشىققە بېسىم چۈشۈرۈشتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھاما ۋىلايىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەن، پايتەخت دەمەشىق بىلەن ئىدلىب ۋە ھەلەب ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پايتەخت دەمەشىقنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە بولۇشى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ چوڭ خەتەردىن دېرەك بېرىدۇ.

سۈرىيەدە ھەلەب ئۆلكىسىنىڭ غەربىي يېزىلىرىدا 27-نويابىر ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش باشلانغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر