ئىران قوللىشىدىكى گۇرۇپپىلار ئىراقتىن سۈرىيەگە ئۆتمەكتە

ئىران قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار ئىراق زېمىنى ئارقىلىق سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە قارشى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ياردەم ھەربىي قىسىملىرىنى تەشكىللىمەكتە.

2217241
ئىران قوللىشىدىكى گۇرۇپپىلار ئىراقتىن سۈرىيەگە ئۆتمەكتە

يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىران قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىراق ئارقىلىق بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن سۈرىيەگە يۆتكىلىۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى 50 ھەربىي ئاپتوموبىل بىلەن سۈرىيە-ئىراق چېگراسىدىكى ئەلبۇكامال ناھىيەسىدىن سۈرىيەگە ئۆتمەكتە ئىكەن.

بۇ گۇرۇپپىلار ئارىسىدا زەينەبىييۇن ۋە فاتىمىييۇن بىرىگادالىرىدىن باشقا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسملىرى، ھەربىي ئاپتوموبىللار ئىچىدە، ھەر خىل راكېتا ئاتارلار ۋە 23 مىللىمېتىرلىق ئايروپىلان ئاتارلار ئورنىتىلغان ئاپتوموبىللارمۇ بار.

سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ھەلەبتىكى ئېتىشىشلاردا، ئىرانلىق ۋە ئىراننىڭ قوللىشىدىكى بەزى جەڭچىلەرنى ئەسىر ئالغان ئىدى.

ئىران قوللىشىدىكى گۇرۇپپىلار

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىران قوللىشىدىكى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا فاتىمىييۇن ۋە زەينەبىييۇن بىرىگادالىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىران ئارمىيەسى سۈرىيەدە 2011-يىلى پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇشتا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئافغانىستاندىن كەلگەنلەر بىلەن تەشكىللەنگەن فاتىمىييۇن بىرىگاداسىنى قۇرغان ئىدى.

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغان زەينەبىييۇن بىرىگاداسىنىڭ ئەزالىرى مەزھەپ ياكى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پاكىستاندىن ئايرىلغان، ئىراننىڭ قۇم ياكى مەشھەدكە ئوخشاش شەھەرلىرىدە مەدرىسەدە ئوقۇغان پاكىستانلىق شىئەلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئىران قوللىشىدىكى گۇرۇپپىلار سۈرىيەدە دېيرىزور ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى، مېيادىن، مۇخاسان ۋە ئەلبۇكامال ناھىيەلىرى بىلەن سۈرىيە-ئىراق چېگرا لىنيەسىدە كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. مەزكۇر گۇرۇپپىلار ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى قوماندانلىرىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر