ئامېرىكا ياپونىيەگە ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى ئۆزئارا توسۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى بازىدا ھەربىي قىسىم قۇردى.

2217505
ئامېرىكا ياپونىيەگە ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى

خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىنى نەزەردە تۇتقان ياپونىيە، ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانى گېنېرال-مايور ئانتونى ماستالىر ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، توكيودىكى يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئالەم بوشلۇقى پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل ھەربىي قىسىم قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ: «شىمالىي كورېيە ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتلەردىن باشقا، خىتاي ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇقىملىققا تەھدىت سېلىش ئۈچۈن قانۇنسىز، تاجاۋۇزچى تاكتىكىلارنى قوللانماقتا» دېدى.

«ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچەيدى ۋە ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا تەييار» دېگەن ماستالىر، ھەربىي قىسىمنىڭ ياپونىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىقلاردا مەسلىھەت ۋە مۇتەخەسسىسلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەسمىي كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ھەربىي قىسىم ياپونىيە ھاۋادا مۇداپىئەلىنىش قىسىملىرى (ASDF) بىلەن «راۋان ماسلىشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

دۆلەت تاراتقۇلىرى ھەرىكەتلەرنىڭ بازىدىكى مەۋجۇت ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە يېڭى ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى قۇرۇش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر