رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ھەمكارلىق كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى
رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى.
2217400
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي رۇدېنكو بىلەن شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىم جوڭ گيۇنىڭ پايتەخت موسكۋادا ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئىيۇندىكى شىمالىي كورېيە زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغانىدى.
بۇ كېلىشىمنىڭ تەرەپلەردىن بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، ئۆزئارا ھەربىي ياردەم قىلىشنى، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا بۆلۈنمەس بىخەتەرلىك سىستېمىسى ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كۇبادىكى 13 ئەسكەرنىڭ پارتلاشتا قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
كۇبادىكى پارتلاشتىن كېيىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان 13 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى.