رۇس پاراخوتىنىڭ گېرمانىيە ھەربىي تىكئۇچارىغا ‹ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى› ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

بالتىق دېڭىزىدا بىر رۇسىيە پاراخوتىنىڭ چارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقان گېرمانىيە تىك ئۇچارىغا «ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى» ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2217397
رۇس پاراخوتىنىڭ گېرمانىيە ھەربىي تىكئۇچارىغا ‹ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى› ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (DPA)، رۇسىيە پاراخوتىدىكى خادىملارنىڭ چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە تىك ئۇچارىغا «ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئوق» چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، «دېڭىز ياكى ھاۋا بوشلۇقىدا بەزىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى» نى تىلغا ئېلىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوك ئىلگىرى بالتىق دېڭىزىدا داۋاملىق ئېمبارگلارغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان رۇسىيە پاراخوتلىرىنىڭ ئۇچراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى دىققەت تارتقانىدى.

بائېربوك يەنەö بالتىق دېڭىزىدىكى تۇرۇبا لىنىيەلىرى ۋە سانلىق مەلۇمات سىملىرىنى نازارەت قىىلشنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىغا ئىما قىلىپ، مۇھىم ئاساسىي قۇرۇلمىلارنىڭ چارلىغۇچىلار تەرىپىدىن قوغدىلىشىنىڭ كېڭەيتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر